باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدا يازلىق ئاشلىق يىغىمى...

2017.07.06 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدا يازلىق ئاشلىق يىغىمى مەزگىلىدە ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى 5-ئىيۇل بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يازلىق ئاشلىق يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى بېكىتتى.

  ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سائىدىك مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدا ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كىيىن، شۇ يەردىكى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى ئازايدى، توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى پۇقرالار ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى داۋاملىق ئۇرۇش توختىتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

  سائىدىك يەنە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ مىنا ۋە پارتلىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئورۇنلاشتۇرماي، شۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ھەر قايسى تەرەپلەر، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبىتىنى 19-ئىيۇل ئۆتكۈزۈشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر