باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 751 كىشى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ

7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

2017.07.06 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ نۆۋەتتە قوبۇل قىلىنغانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ بولدى. بۇ قېتىملىق مەمۇر قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى ھالقىلاردا شەكىللەنگەن 751 بوش ئورۇنغا ھازىر تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش باشلاندى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 6-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە تىزىملاتسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يازمىچە ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىىسى لاياقەتلىك بولغان (خەلق ساقچى ئىشتاتىنىڭ تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە لاياقەتلىك بولغان) ۋە شۇنداقلا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش باسقۇچىغا قاتنىشالمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ قېتىمقى تەڭشەشكە قاتناشسا بولىدىكەن. قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنىپ بولغان، تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈتۈش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن ۋاز كەچكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشكە قاتنىشالمايدىكەن.

  تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا تىزىملاپ قاتناشماقچى بولغانلار پەقەت بىر ئورۇننى تاللاپ تىزىملىتىشى، شۇنداقلا ئۆزى ئەسلىدە تىزىملاتقان ئورۇن بىلەن بىر دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئورۇنلارغا تىزىملىتىشى كېرەك، ئەكسىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى تاللاپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ.

  تىزىملىتىش ۋاقتى 6-ئىيۇل سائەت 10:00دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) 8-ئىيۇل سائەت 18:00 كىچە (بېيجىڭ ۋاقتى). سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن 18:00گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى).سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار تۇرۇشلۇق ھەر قايسى جايلار، ھەر قايسى ئورگان (ئىدارە)لار مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كونكرېتنى ۋاقىتقا قارىتا ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلار ئېلان قىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر