باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 2017-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

2017.07.06 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكشۈرۈشنى باشلايدىكەن.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش خىزمىتى چارىسى» ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 18-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، كۈزىتىشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى -2016-يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى نەتىجىلەرنى باھالاش، مەركەزنىڭ كۆزىتىش ۋە دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزى كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى قاتارلىقلاردا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۈنۈمنى باھالاشتا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغان ئالاقىدار ئۆلكىلەرنى كۆزىتىش. تەكشۈرۈش، كۆزىتىش نەتىجىسى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىنىدۇ.

  22 تەكشۈرۈش، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى 45 ئەزا ئورۇنلاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھ مەركىزى كومىتېتلىرى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان، ئاساسلىقى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، پاش قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قايسى گۇرۇپپىلار يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يولغا چىقىدۇ، 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر