باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«بېيجىڭ-خوتەن» ناملىق خاس پويىز ساياھەتچىلەرگە خوتەننىڭ ئۆرپ-ئادەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى

2017.07.06 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، 359 نەپەر بېيجىڭلىق ساياھەتچى ئولتۇرغان «بېيجىڭ-خوتەن» ناملىق ساياھەت خاس پويىزى خوتەنگە يېتىپ كەلدى. بۇ 2015-يىلى ۋە 2016-يىلى جەمئىي تۆت نۆۋەت «بېيجىڭ-خوتەن» ناملىق ساياھەت خاس پويىزى ئوڭۇشلۇق قاتناپ بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇيىلنىڭ ئىچىدە تۇنجى نۆۋەت قاتنىغان «بېيجىڭ-خوتەن» ناملىق ساياھەت خاس پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

  بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ساياھەت كومىتېتى ۋە بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق مەسلىھەتلىشىشى ئارقىسىدا، بۇ يىل 6-ئاي، 9-ئاي ۋە 10-ئايلاردا ئۈچ قېتىم «بېيجىڭ-خوتەن» ناملىق ساياھەت خاس پويىزى ئارقىلىق خوتەنگە بېرىش پىلانلانغان. مەزكۇر ساياھەت خاس پويىزىنى جۇڭگو تۆمۈر يول ساياھەت باشقارمىسى پۈتۈن مۇساپىلىك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئۈچ كۈندىن بېرى، «بېيجىڭ-خوتەن» ناملىق ساياھەت خاس پويىزىغا ئولتۇرۇپ خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى ئەتلەسچىلىك زاۋۇتى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 28 چىشلىق تاش تۈگمەن، بىڭتۈەن 14- شىسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى ۋە خوتەن ناھىيەسىدىكى ئۈزۈم باراڭلىق قاتارلىق جايلارنى كۆرۈپ ساياھەت قىلدى.

  27-ئىيۇن، 14- شى 47- تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپى «ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر خوتەنگە كەلدى» تېمىسىدا كىتاب سوۋغات قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ۋە بېيجىڭدىن كەلگەن 359 نەپەر ساياھەتچى شۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 2000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب سوۋغا قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ساياھەتچى ۋاڭ جېنشەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىدىن ئالتە پارچە سوۋغا قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن جامائەت پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئازغىنە كۈچ قوشۇش، كىشىنى ناھايىتى خۇشال قىلارلىق ئىشتۇر.»

  بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ساياھەتچى ليۇ جىخېڭ مۇنداق دېدى: «‹بېيجىڭ-خوتەن› ناملىق ساياھەت خاس پويىزى مېنىڭ خوتەن ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ماڭا بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قويۇق ئۆرپ-ئادىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى، بۇ بىر ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەت. 47- ئوتتۇرا مەكتەپتە مەن يەنە ئىككى ئوقۇغۇچى بىلەن دوست بولدۇم، بۇندىن كېيىن مەن قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن.»

  27- ئىيۇن كېچىسى، ساياھەتچىلەر قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بۇلاق كەچلىك بازىرىغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكۈزدى، ساياھەتچى ۋاڭ جىڭ بىر تەرەپتىن نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تەگكۈزگەچ، بىر تەرەپتىن رەسىمگە چۈشۈپ، ئۈندىدارىغا يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خوتەن ياخشى جاي ئىكەن، ئۇ مەندە گۈزەل تەسىر قالدۇردى، پۇرسەت بولسا، مەن يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىمەن، مەن ئۈندىدار ئارقىلىق بۇ سىرلىق زېمىننى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونىتىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر