باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

2017.07.05 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن موسكۋادا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىنى ئىمزالىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن 4-ئىيۇل تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئېغىر خىلاپ، دەپ قارايدۇ، ئىككى تەرەپ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، چاۋشيەننى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇنۇلارنى تەكلىپ قىلدى: چاۋشيەن ئۆز رازىلىقى بىلەن سىياسىي ھۆكۈم چىقارسۇن، يادرو پارتلىتىش سىنىقى ۋە تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى جاكارلىسۇن، ئامېرىكا بىلەن كورېيە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى مۇناسىپ ھالدا ۋاقتىنچە توختاتسۇن.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەر «19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتى»دا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇساپىسىنى بالدۇرراق قايتا باشلىسا. ھەربىي ۋاسىتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تاللاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىغا «ساد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئۆزئىچىگە ئالغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىسىز. بىز ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى دەرھال توختىتىش ھەم ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ھەقىقىي قوغداشنى مەسلىھەتلىشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر