باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا سوتچىسى جۇڭگولۇق زىيارەتچى ئالىمنى تۇتقۇن قىلغان گۇماندارنى كېپىلگە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.07.04 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتلىق ئوتتۇرا قىسىم فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى 3-ئىيۇل، جۇڭگولۇق زىيارەتچى ئالىم جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلغان گۇماندار برېنتكىرىستېنسىننى كېپىلگە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىملىق سوتتا قاراپ چىقىشتىن بۇرۇن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ قارارنى قوشما ئىشتات سوتچىسى ئېرىك لان شۇ جاي ۋاقتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىرىسىتېنسىنغا قارىتىلغان سوتتا ئەھۋال ئىگىلەشتە چىقارغان. شۇ كۈندىكى ئەھۋال ئىگىلەش پەقەت توققۇز مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، كىرىسىتېنسىن باشتىن-ئاخىر جىمجىت تۇرغان.

  سودىيە چىقارغان قارارغا ئاساسەن، كىرىسىتېنسىنغا قارىتا كېلەر قېتىملىق ئەھۋال ئىگىلەش شۇ جاي ۋاقتى 5-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئامېرىكا يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى سارون پائۇل ئەھۋال ئىگىلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا: ئەگەر كىرىسىتېنسىننىڭ تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 6- ئاينىڭ 30-كۈنى، شۇ كۈنى كەچتە ئاق تەنلىك ئەر برېنتكىرىسىتېنسىننى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇنى جۇڭگولۇق زىيارەتچى ئالىم جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سوراش خاتىرىسى، شۇنىڭدەك يىغىلغان ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، جاڭ يىڭيىڭنىڭ بۇرۇنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن جاڭ يىڭيىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇربانا- چامپەين شۆبە مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇغان. شۇ جاي ۋاقتى 9-ئىيۇن سائەت 14 ئەتراپىدا، ئۇ بىر قارا رەڭلىك ساتۇرن ماركىلىق پىكاپقا ئولتۇرغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ۋەقەنى تۇتقۇن قىلىش دېلوسى، دەپ بېكىتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر