باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

2017.07.06 14:52   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى لايىھەسىنى تۈزۈپ، يېڭى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى يولنى پىلانلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىر «مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى» بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى. 2014-يىلى مەن تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىچە ئورنىنى بېكىتكەن ئىدۇق. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مېخانىزمى ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ ھەممىلا ساھەسىنى دېگۈدەك قاپلاپ، ئىقتىساد-سودا، تېخنىكا، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مەدەنىيلىك ئالاقىسىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتى، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق يېڭى پەللىگە چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى…
    ·8-ئايدا 4387 يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ دېگەندەك پەنلەر ئوقۇتۇشىدا چوقۇم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ