باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي سوت ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى

2017.07.05 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 6-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىدە 120 مىڭدىن ئارتۇق ئىشتاتلىق سودىيە سايلاپ چىقىلدى. قاراپ چىققۇچى كېسىم چىقىرىش، كېسىم چىقارغۇچى مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەم خادىملارنى تۈرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش، كەسپىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئادەم، مال مۈلۈكىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق ئىسلاھاتتا مۇھىم بۆسۈش بولدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 366 سودىيەگە باشچىلىق قىلىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشتاتلىق سودىيەلىرى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ-سودىيە ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ قىيىن بىر مەسىلە ھەل قىلىندى. نۆۋەتتە، سودىيەلىرىنىڭ يەككە مەسئۇلىيەت تەرتىپى ئىسلاھاتى ئاساسەن ئورنىتىلدى، سودىيەلەرنى دەرىجىمۇ-دەرىجە سايلاش تۈزۈمى رەسمىي ئورنىتىلدى، مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، سودىيەلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، سودىيەلەرنى جازالاش، ئاگاھلاندۇرۇش تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىشتاتىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان بولدى، جىلىن، ئەنخۇي، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەر ئۆلكە دەرىجىلىك مال-مۈلۈكنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر