باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.07.04 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككەيلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن مارئالاگو قورۇقىدا كۆرۈشكەندىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىر قىسىم پاسسىپ ئامىللارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئۆز مەيدانىنى ئۇقتۇردى. بىز زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىگە ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارىدۇق، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي ھالدا بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتى بويىچە تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر