باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دەۋەت قىلدى

2017.07.04 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى ماتۋېيىنكو تۈنۈگۈن: رۇسىيە ياۋروپا كومىتېتى يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تەدبىر قوللىنىپ رۇسىيەنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ماتۋېيىنكو ياۋروپا كومىتېتى چېكىنىۋاتىدۇ دەپ تەنقىدلىدى، بۇ تەشكىلاتتا ئەركىن مۇھاكىمە قىلىدىغان سەھنە يوق، رۇسىيەگە قارشى تۇرىدىغان، رۇسىيەگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئىدىيەلەر بۇ تەشكىلاتنى كونترول قىلىۋالغان، يەنە كېلىپ دائىم دېگۈدەك بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دېدى.

  ماتۋېيىنكو مۇنداق دېدى: ياۋروپا كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەر ئەزا دۆلەت خەلقى تەرىپىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، ھەر قانداق ئەزا دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چەكلەش ھوقۇقى يوق. شۇڭا ياۋروپا كومىتېتى يىغىنىنىڭ نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر