باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

6-ئايدا CPI تەخمىنەن %1.6 ئۆرلىشى مۇمكىن

كەلگۈسىدە مال باھاسى ئازراق ئۆرلەيدۇ

2017.07.04 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرلىشىچە، 6-ئايدا ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) داۋاملىق ئازراق ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىسىگە قارىغاندا ئېشىش نىسبىتى %1.6كە يېتىدىكەن.

  سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ھەپتىلىك يېزا ئىگىلىكى يېمەكلىك مەھسۇلاتى باھا كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئالدىنقى ئۈچ ھەپتىسىدە يېزا ئىگىلىكى يېمەكلىك مەھسۇلاتى باھاسى ئىككى ھەپتە تۆۋەنلەپ، بىر ھەپتە ئازراق ئۆرلىگەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 50 شەھەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ئون كۈنلۈك ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 6-ئاينىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە ئاساسلىق يېمەكلىك باھاسىدىكى كۆكتات باھاسى ئالدىنقى ئون كۈندە ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلەپ، ئارىدىكى ئون كۈندىن باشلاپ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئازراق ئۆرلىگەن. باشقا تۈردىكى يېمەكلىك باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 6-ئايلىق يېمەكلىك باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسى جەھەتتە، 23-ئىيۇن دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى بىر قېتىم تۆۋەنلىدى. ئۇنىۋېرسال قارىغاندا، بۇ ئايدا يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەر باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتىنى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %2.2 تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئايدا ئارتۇق-كەم بولۇش ئامىلى ئالدىنقى ئايدىكى %1.02 لىك تۆۋەن ئېشىشتەك نىسبەتتىن يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتى %1.16كە يېتىدۇ. شۇڭا، 2017-يىلى 6-ئايدا CPIنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىگە قارىغاندا، ئېشىش نىسبىتىنىڭ %1.6 بولىدىغانلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

  «خەيتۇڭ» ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى جياڭ چاۋ 6-ئايدا CPIنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندىكى ئېشىش نىسبىتىنىڭ %1.6 تە مۇقىمراق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: 6-ئايدىن بۇيان يېمەكلىك باھاسى ئۇدا تۆۋەنلىدى، سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى كۆپرەك تۆۋەنلىدى، لېكىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاساس ساننىڭ تەسىرى تۆۋەن بولغاچقا، 6-، 7-ئايدا پۇل پاخاللىقى قىسقا مۇددەت مۇقىم تۇرىشى مۇمكىن.

  ليەن پىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمىنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. يېقىنقى مەزگىلدە CPIنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازراق ئېشىشىغا ئاساسلىقى ئارتۇق-كەم بولۇش ئامىلى تەسىر كۆرسەتكەن، لېكىن مۇتلەق سەۋىيە تۆۋەن بولۇپ، %2 ئەتراپىدا بولىۋېتىپتۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا ئومۇمىي ئېھتىياج ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ پىشاڭنى تۈگىتىش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتچانلىق سۇسلىشىدىكەن، نەتىجىدە يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەدىن باشقا يادرولۇق CPI كۆرۈنەرلىك يۇقىرلىمايدىكەن. CPI نىڭ ئارتۇق-كەم بولۇش ئامىلىدىن قارىغاندا، 6-ئايدا ئارتۇق-كەم بولۇش ئامىلى بۇ يىللىق ئەڭ يۇقىرى نۇقتا %1.16كە يېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ يىللىق CPIنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرىسى يۇقىرى، ئىككى بېشى تۆۋەن بولىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر