خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 1-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى، ئۇنىڭدا «كۆڭۈل-كۆكسۈڭ دەريا بولسا، سىغار ئالەم ئۇنىڭغا» دېگەن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىق ئەمەلىي ئېھتىياجىغا، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. مەركەز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، قەتئىي بولۇش، ئۆزگەرتمەسلىك، تەۋرەنمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى شياڭگاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چەتنەپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتمەسلىك، باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا چىڭ تۇرىدۇ.
يىغىن مەيدانىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى، ئېگىز ئېسىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ۋە ئېرى لىن جاۋبونىڭ ھەمراھلىقىدا يىغىن زالىغا كىرىشى بىلەن زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا باشلاندى. كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ قەسەم بېرىش جەريانىنى نازارەت قىلدى. ئالدى بىلەن لىنجېڭ يۆئې قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئالدىدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەنتەنىلىك قەسەم بەردى. لىنجېڭ يۆئې قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
ئارقىدىن شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ لىنجېڭ يۆئېنىڭ باشلامچىلىقىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى نازارەت قىلدى. ئۇلار قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئارقىدىن لىنجېڭ يۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى نازارەت قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى