باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا ئىئانە بەردى

2017.07.04 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ماۋشيەندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرىت رەئىسلىكىدىكى فىلىپپىن دېموكراتىك خەلق كۈچلىرى پارتىيەسى تۈنۈگۈن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە تەخمىنەن ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.

  فىلىپپىن دېموكراتىك خەلق كۈچلىرى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئېنېرگىيە مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىن دېموكراتىك خەلق كۈچلىرى پارتىيەسى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ماۋشيەندە يۈز بەرگەن 24-ئىيۇن پەۋقۇلئاددە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن قاتتىق قايغۇردى، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىش ۋە ھال سوراش ئۈچۈن بۇ ئىئانىنى قىلدۇق. دېموكراتىك خەلق كۈچلىرى پارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقنىڭ تېزدىن يۇرت ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر