باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا يەشمە

مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن گاۋ جيەنلۇڭ، لى شياۋشيا

2017.07.04 13:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باراۋەرلىك ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ يادرولۇق قىممىتىدۇر. شىنجاڭ كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئاپتونوم رايون، ھەرقايسى مىللەتلەر سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى باراۋەر ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. 2017- يىلى 6- ئايدا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ نۇقتا تولۇق نامايان قىلىندى.

  مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىنىڭ پىرىنسىپى، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى دېگىنىمىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ- كىچىك دەپ ئايرىلمايدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ بىردەك باراۋەر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىدە قانۇن بويىچە ئوخشاش ھوقۇق- مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق مىللەتتە ئىمتىياز بولمايدۇ. ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللىي ئېزىلىش ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇلىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە كونكرېت ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، باراۋەر ھوقۇق- مەنپەئەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى، يەنى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق كەڭ ساھەنى قاپلىغان؛ ئىككىنچىدىن، ھەم ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق- مەنپەئەتكە ئىگە، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر توپى ئالاھىدە بېكىتىلگەن ھوقۇق- مەنپەئەتكە ئىگە. مەسىلەن: دۆلەت ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، تەرەققىي قىلمىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان ئالاھىدە سىياسەتنى قوللىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ھەرقايسى مىللەت پۇقرالىرىنى تۈرلۈك باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئالدىنقىسى تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، مال- مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىقلارنى، كېيىنكىسى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلق بىلەن باراۋەر ھالدا قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشتىن سىرت، يەنە مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  ھەرقايسى مىللەتلەر سىياسىي ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىلى %63نى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىلى %66نى ئىگىلەيدۇ. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك ئورنى ۋە باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈمى. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۈچ دەرىجىلىك ئاپتونومىيە (ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە) تولۇق يولغا قويۇلغان ئاپتونوم رايون بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. شىنجاڭ كۆپ خىل شەكىلدە ھەرقايسى ساھەلەردە زور تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرىي ۋە كەسپىي- تېخنىكا كادىرلارنى يېتىشتۈردى. 1950- يىلى شىنجاڭدا ئاران 3000چە ئاز سانلىق مىللەت كادىر بار ئىدى؛ 2016- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلار 91 مىڭ 76گە يېتىپ، كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %40.24ىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي- تېخنىكا خادىملار 1985- يىلى 124 مىڭ بولۇپ، 2016- يىلىغا كەلگەندە 303 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي- تېخنىكا خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %34.4تىن %56.8كە كۆپەيدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار، ج خ، تەپتىش، سوت ئاپپاراتلىرىدا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەر بار بولۇپ، ئۇلار باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  ھەرقايسى مىللەتلەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ. مەركەز ۋە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ شىنجاڭدىكى تەبىئىي مۇھىتى نىسپىي جاپالىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ ئارقىدا قالغان، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. كۆپ يىلدىن بۇيان، دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالاھىدە مالىيە، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلىسى، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. مەركەز 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە خامچوت ئىچىدىكى سېلىنما ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى 22 مىليارد 352 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللىدى، بۇنىڭغا ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىنى قوشقاندا، جەمئىي 23 مىليارد 828 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. كەنتلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، تۇتاش ئېچىش، كەسىپلەر بويىچە يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

  ھەرقايسى مىللەتلەر جامائەت مۇلازىمىتى ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساس مائارىپ، ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلەشتۈرۈلۈشى ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە ھوقۇقتىكى باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسپىي ئارقىدا قالغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ جامائەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى، خىزمەت ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مىسالغا ئالساق، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى ئالدىن قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، 12 يىللىق ئاساس مائارىپنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاۋۋال ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى.

  ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شىنجاڭ كۆپ خىل تىل- يېزىقلىق رايون بولۇپ، ئاساسەن ئون خىل تىل قوللىنىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ساھەلەر ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئۆز تىل- يېزىقىدا ئەدلىيەلىك ئەرز سۇنسا بولىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا، ئورگان ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە تېخنىكىسىنى باھالاش ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. «شىنجاڭ گېزىتى»، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆپ خىل تىل- يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ ياكى ئاڭلىتىدۇ، كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايون مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ۋە زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى كۈچەيتتى، ھازىر شىنجاڭدىكى تۈرلۈك ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىل» مائارىپىنىڭ قاپلاش نىسبىىتى %100كە يەتتى.

  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقى مول. ئاپتونوم رايون 2005- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، 3772 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس بايلىقى تۈرىنى بېكىتتى، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى %95 تۈر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەۋە تۈر. 2009- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشى − قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى، 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تۈر مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ جەمئىي 3 مىليارد يۈەن تولۇقلىما مەبلىغىگە ئېرىشتى. 2010- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. بۇ، جۇڭگودا ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋەكىللىك قىلىنغان تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك نىزام ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» داستانى، قازاقلارنىڭ «ئاقىنلار ئېيتىشىشى»، خۇيزۇلارنىڭ «خۇائېر» خەلق ناخشىسى، تاجىكلارنىڭ «بۈركۈت ئۇسسۇلى»، شىبەلەرنىڭ «غەربكە كۆچۈش بايرىمى» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دۇردانىلىرى ئاكتىپ قوغدالدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقىنى نامايان قىلماقتا.

  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقى بار. مىللىي ئۆرپ- ئادەت بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەكىللەندۈرگەن قائىدە- يوسۇنى بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي فورماتسىيەسىنى نامايان قىلىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك پىرىنسىپىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتى» «پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا، دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاپتونوم رايون 2004- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى»نى تۈزۈپ، مۇسۇلمانچە يېمەك- ئىچمەك ئىستېمال قىلىدىغان ئادىتى بار مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى. يەرگە دەپنە قىلىش ئادىتى بار ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشنى يولغا قويمىدى ھەم مەخسۇس يەر ئاجرىتىپ بېرىش، جامائەت قەبرىستانلىقى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆرپ- ئادىتى بويىچە دەپنە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ- چوڭ ھېيت- بايراملىرىدىن قۇربان ھېيت، روزا ھېيتلاردا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. ئاپتونوم رايون ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەتلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، يۈرۈش- تۇرۇش، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم، ھېيت- بايرام قاتارلىق ئىشلاردا ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام بولغان يېڭى ئۆرپ- ئادەتلەرنى قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقى، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر