باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى»دا ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق كۈيى

2017.07.04 13:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − تېز بولۇڭلار، سۈن يۈخۇينىڭ كېسىلى يەنە قوزغىلىپ قالدى، ئۇ قولىغا يوغان بىر تۆمۈرنى ئېلىۋىلىپ ۋارقىراپ- جارقىراپ كېتىۋاتىدۇ، قولىدىكى تۆمۈر بىرەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، − دەپ چۇرقىرىشىپ كەتتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى بۇلاقبېشى ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر سىرتتا يۈگۈرۈپ يۈرگەن سۈن يۈخۇيغا قاراپ جىددىيلىشىپ.

  ئۇلار سۇن يۈخۇينى تىنچلاندۇرۇشقا ئامالسىز قىلىپ، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ خەلق ساقچىلىرىدىن ياردەم سورىدى. ساقچىلار تېزلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر بىلەن بىللە سۈن يۈخۇينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى...

  بۇ يېقىندا يۈزبەرگەن ئىش ئىدى. بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن سۈن يۈخۇينىڭ نېرۋىسى ئاجىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە كېلىپ، مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى خۇالىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىدا يۈك توشۇيتتى، ئانىسىنىڭمۇ نېرۋىسى ئاجىز ئىدى، ئىنىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى.

  قولى قىسقا بولغاچقا، سۈن يۈخۇينىڭ دادىسى بۇ قېتىم دوختۇرخانىغا ئاران 1000 يۈەن تاپشۇرغانىدى. بۇ پۇل سۈن يۈخۇينى داۋالىتىشقا يەتمەيتتى. بۇنى ئاڭلىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى»نى بەرپا قىلغان يۈسۈپجان ئېلى دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، سۈن يۈخۇينىڭ داۋالىنىشىغا 5000 يۈەن تاپشۇردى. بۇ قورۇدىكى ھەر مىللەت قولۇم- قوشنىلار سۈن يۈخۇينىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تاپقانلىرىنى يىغىش قىلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بەردى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى»دىكى ئۆيلەردە ئىجارىگە ئولتۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جاي- جايلاردىن كەلگەن كۆچمە ئاھالىلەر بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ئەتراپتىكى تېرە بازىرى، خۇالىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىدا ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر ئىدى.

  يۈسۈپجان ئېلى 2008- يىلى بۇ ھويلىدا ئىككى يۈرۈش بىنا سېلىپ، ئۆيلەرنى يۇرت- يۇرتلاردىن كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەر مىللەت كىشىلەرگە ئىجارىگە بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ قورۇدا ئولتۇرۇۋاتقان خەنزۇ، خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان 30 ئائىلىلىك 139 كىشى ئىزچىل ئىناق ئۆتۈپ كەلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بارلىققا كەلدى.

  يۈسۈپجان ئېلى قورۇدىكى ئاياللارنىڭ قىلىدىغانغا ئىش يوق دائىم بىكار ئولتۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قورۇ ئىچىگە 200 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىپ، ئۇنى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرگە ھەقسىز تاپشۇرۇپ بەردى. ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر بۇ يەردە كىيىم- كېچەك كارخانىسى قۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاياللارنى ھەقسىز تەربىيەلىدى. ھويلىدىكى ئاياللار يەن شياۋفاڭ ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە كىيىم- كېچەك تىكەلەيدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇشىنى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىدى. بۇ قورۇدا ئولتۇرىدىغان ھۆرىگۈل ئوسمان يەڭگىگەندە، ئۇنىڭ بۇ يۇرتتا باشقا ئۇرۇق- تۇغقىنىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدىغان خۇيزۇ قوشنىسى ئەن يۈشىن 40 كۈن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بۇ يىل روزا ھېيت مەزگىلىدە، بۇ مەھەللىدە تورخانا ئاچىدىغان ۋاڭ خۇي «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى»دا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەردىن ھال سورىدى. ھەر يىلى چاغان كەلگەندە بۇ قورۇدىكى ئۇيغۇر ئاياللار خەنزۇ قوشنىلىرى ئۈچۈن ساڭزا، پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

  يۈسۈپجان ئېلى بۇ قورۇنىڭ تاملىرىغا مەخسۇس تام رەسىملىرىنى سىزدۇرغان بولۇپ، بۇ رەسىملەردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق، خۇشال- خۇرام تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، قورۇدىكى مەخسۇس ياسالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ سەھنىسىدە ھويلىدىكى ئاھالىلەر ھېيت- بايرام كۈنلىرىدە كوللېكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر