باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يەكەن ئايرودۇرۇمىدا سىناق قىلىپ ئۇچۇش تاماملاندى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىشقا سېلىنغان ئايرودۇرۇم 19گە يەتتى

2017.07.03 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ يەكەندە يېڭىدىن قۇرۇلغان يەكەن ئايرودۇرۇمىدا سىناق قىلىپ ئۇچۇش خىزمىتى تاماملانغان. بۇ ئايرودۇرۇم رەسمىي ئىشقا سېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىشقا سېلىنغان ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 19گە يېتىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى سىناق ۋەزىپىسىنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بوئېن 800-737 تىپلىق ئايروپىلان ئارقىلىق ئىجرا قىلغان. سىناق قىلىپ ئۇچۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى 6- ئاينىڭ 30 - كۈنى سىناق قىلىپ ئۇچۇش لايىھەسى بويىچە، يەكەن ئايروپورتىنىڭ ئەنئەنىۋى يول باشلاش ئۇچۇش تەرتىپى، ئايرودۇرۇم خەۋەرلىشىش ۋە مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى دېگەندەك 20 نەچچە تۈرنى كۆزدە تۇتۇپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان. ئۈچ سائەت بوشلۇقتا ئۇچقاندىن كېيىن، سىناق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.

  يەكەن ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بوئېن 737-800 ۋە 737-700 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ ۋە قونۇشىنى قاندۇرالايدىكەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار-سېتىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى ئايرودۇرۇم بۇ قېتىمقى دەلىللەش سىنىقىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى- يەكەن لىنىيەسىدە 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشقا سېلىنىشدا ئۈمىد بار ئىكەن. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قاتناش ئەھۋالىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر