باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا كالا ۋە قوي گۆشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش كودى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

2017.07.03 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، كالا ۋە قوي گۆشلىرى ھەمدە ئۇنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەكلىك بازىرىدا كالا ۋە قوي سويۇش كارخانىلىرىنىڭ زاكاز بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلات گەۋدىسى ئۈستىگە «سۈرۈشتۈرۈش كودى» كۆرسەتمىسى چاپلىنىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن كالا ۋە قۇي گۆشلىرىنىڭمۇ «كىملىكى» بولىدىغان بولدى.

  ئاتالمىش زاكازلىق تەمىنلەش ئەندىزىسى بولسا، مەركەزلىك سودا بازىرىنىڭ سودىگەرلىرى ئالدىنئالا سويۇش كارخانىلىرىغا مال زاكاز قىلىش ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، سويۇش كارخانىلىرى سودىگەرلەرنىڭ ئېھتىياج مىقدارى بويىچە مال سويۇپ سەپلەپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق، پىرىيوم-كارانتىن قىلىنمىغان، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋە باشقىلارنىڭ ماركىسىنى ساختىلىق بىلەن ئىشلەتكەن ناچار گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال بازارغا كىرىپ كېتىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ توسۇپ قېلىشدۇر.

  مەزكۇر پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مۇخبىر مۇنۇلارغا دىققەت قىلغان، يەنى، قوي گەۋدىسىدىكى «كىملىك»گە قوي سويغان كارخانىنىڭ نامى ۋە بىر قاتار سانلىق ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلىپ بەلگە قويۇلغان. بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جياڭ مۇنداق دېدى: بۇ كىملىك دەل كالا ۋە قوي گۆشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش كودى ھېسابلىنىدۇ. كالا ۋە قوي گۆشلىرىگە ئېسىلغان بۇ ۋىۋىسكىدا يېزىلغان مۇھىم مەزمۇنلار بولسا، سۈرۈشتۈرۈش كودى، كارخانا نامى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى دېگەندەك مەزمۇنلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ۋىۋىسكا ساختىلىقتىن ساقلىنىش، بىردىنبىرلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۈزۈپ ئېلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرگە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر