باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جۇڭگو چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2017.06.30 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جۇڭگو چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا رۇسىيە، گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەمدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 3- ۋە 4-ئىيۇل رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. زىيارەت مەزگىلدە زۇڭتۇڭ پوتىن بىلەن كىچىك دائىرىلىك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، مۇخبىرلار بىلەن بىرگە كۆرىشىدۇ، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، قارىشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوست ئەربابلىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرىشىدۇ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ 4-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ سىتائىنمېل ئۆتكۈزگەن قارىشى ئېلىش مۇراسىمى، كۆرۈشۈش، قارىشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق بىر قاتار دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، زۇڭلى مېركىل بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، بېرلىن ھايۋاناتلار باغىچىسى چوڭ مۆشۈك ئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ھەمدە جۇڭگو گېرمانىيە ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە كۆرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە زۇڭلى مېركىل ئۆتكۈزگەن كىچىك دائىرىلىك كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى 7- ۋە 8-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ خانبورگتا ئۆتكۈزىلىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىققا بولغان كۆز قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى بايان قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ باشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يىغىندىن بۇرۇن جۇڭگو بۇ يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قائىدە بويىچە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىرەسمىي ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر