باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت، تەبئىي گاز باش شىركىتىنىڭ چىڭلۇڭشازى بۆلىكىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى، 35 ئادەم يارىلاندى

2017.07.03 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل سائەت 10لاردا، جۇڭگو نېفىت، تەبئىي گاز شىركىتى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ چىڭلۇڭشازى بۆلىكىدە يېقىندىن بۇيان ئۇدا يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن يەر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى قىستىلىپ ئۈزۈلۈپ كېتىپ، گاز چىقىپ كېتىپ پارتلاش يۈز بەردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، سەككىز ئادەم ئۆلۈپ، 35 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئېنىقلاندى.

  ۋەقە نەق مەيدانىدىكى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھادىسىدە زەخىملەنگەن 35 ئادەم ئىچىدە سەككىز ئادەم ئېغىر يارىلانغان، تۆت ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، يارىدارلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۈيجۇنىڭ ئۆلكە، ئوبلاست، ناھىيەلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش، ئېنېرگىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئەسى، جۇڭگو نېفىتچىلىكى، داۋالاش قاتارلىق تارماقلار تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزدى. خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، تەبىئىي گاز چىقىپ كېتىش تىزگىنلىنىپ، ئوت ئۆچۈرۈلدى، ئەتراپتىكى ئامما بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر