باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە يېڭىچە كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.07.03 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭچې چىڭداۋ سىفاڭ پاراۋۇز قاتناش قوراللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئېلىمىزدە يېڭىچە كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، بۇ خىل پويىز 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 21دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، D311- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز سۈپىتىدە بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن دەل ۋاقتىدا ھەيدەپ چىقىلىپ، شاڭخەي ۋوگزالىغا قاراپ قاتنىغان. بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزدە يېڭى تىپتىكى كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل يېڭىچە كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر بىر كارىۋات بىردىن ئايرىمخانا قىلىپ لايىھەلەنگەن. بۇ خىل پويىز يولۇچىلارغا تېخىمۇ راھەت سەپەر بېغىشلايدىكەن (دېڭ ۋاڭچياڭ فوتوسى).

  بۇ خىل يېڭىچە كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى بولسا، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭچې چىڭداۋ سىفاڭ پاراۋۇز قاتناش قوراللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرىپىدىن بۈگۈنكى CRH2E كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ يېڭى تىپتىكى كارىۋاتلىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدىكەن، ھەمدە 16 ۋاگونلۇق بولۇپ، پۈتۈن پويىز يۇمشاق كارىۋاتلىق ئىكەن، ئۇنىڭ قاتناش سۈرئىتى 250 كىلومېتىر، ھەر قېتىمدا توشۇيالايدىغان ئومۇمىي يولۇچى سانى 880 ئادەم قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇ خىل پويىز يولۇچىنىڭ ئولتۇرۇش ئازادىلىكى، خۇسۇسىي سىر ساقلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارلىق بولۇش تەلىپى دېگەندەك جەھەتلەردە يېڭىچە لايىھە قوللىنىلغان، ھەمدە بۇ خىل دىنامىكىلىق پويىزنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر