باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش كەيپىياتى قىزغىن بولدى

2017.06.30 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇل يېقىنلاشقانسېرى، ۋېكتورىيە پورتىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىن شياڭگاڭنىڭ تار كوچىلىرىغىچە، شياڭگاڭ خۇشاللىققا چۆمدى، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە خىلمۇ خىل پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.

  ئوتتۇرا ئايلانما يولدا، ئىگىزلىكى تەخمىنەن 9.5 مېتىر، كەڭلىگى 5.3 مېتىر، ئېغىرلىقى 500 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئەنئەنىۋى پانۇس نۇرغۇن شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى پەن تېخنىكا كۆرگەزمىسى شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى مۇھىم پائالىيەت سۈپىتىدە، 28-ئىيۇن ۋېكتورىيە باغچىسىدا ئېچىلدى. كۆرگەزمىدە جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئۇزۇن سەپەر 1- نومىرلىق راكېتانىڭ زاپاس راكېتا گەۋدىسى، ساماۋى كېمە 1-نومىرنىڭ بىردىبىر مودېلى، ئاي پەرىسى 5-نومىر، ئاي ئوردىسى 1-نومىرنىڭ مودېلى قاتارلىق 100 نەچچە كۆرگەزمە بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر