باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ئالتە ئاي ئۇزارتتى

2017.06.29 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى تۈنۈگۈنكى بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. جازا ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە، ئېنىرگىيە، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە ئارمىيە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتىلىدۇ.

  2014-يىلى 7-ئايدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىدى. ئارقىدىن شۇ يىلى 9-ئايدا جازالاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى ھەمدە جازالاش ۋاقتىنى كۆپ قېتىم ئۇزارتتى. رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى، بۇ ئاساسلىقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر