باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن 600 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

2017.06.28 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن تارتىپ تۆت يىل ۋاقىت ئىچىدە، تەربىيەلەشنى «ئومۇملاشتۇرۇش»، «شىمالغا يۆتكەش»تەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئادەتتىكى تاشقىرى تەدبىرنى قوللىنىپ، 600 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەكشىسىز بولۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، تىل توسالغۇسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىلدىن تارتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئوشۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ۋە تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىشىگە، ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچىنى شىمالىي شىنجاڭدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى شىنجاڭنىڭ دۆلەت كارخانىسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى 5 مىڭ نامرات ئەمگەك كۈچىنى شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى مۇھىت ئاسراش ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىر تۇتاش تەشكىللەش قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 600 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر