- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ رۇسىيە، گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبىرىنىڭ 12-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2017.06.28 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 27-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ستېيىنمېيىر ۋە زۇڭلى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە يۇقىرىدىكى ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە گېرمانىيە ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبىرىنىڭ 12-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر