باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى(1)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

2017.07.04 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇندەرىجە

  كىرىش سۆز

  1. سىياسىي ھوقۇق

  2. پۇقرالىق ھوقۇق

  3. ئىقتىسادىي ھوقۇق

  4. ئىجتىمائىي ھوقۇق

  5. مەدەنىيەت ھوقۇقى

  6. مۇھىت ھوقۇقى

  7. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى

  8. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇقى

  كىرىش سۆز

  تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان غايىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى كۈرەش نىشانى.

  1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى، فېئودال ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ۋە دىنىي ئىمتىياز قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغانىدى، ئىجتىمائىي ئورنى بەك تۆۋەن بولۇپ، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالمىغانىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشىغا تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسى ھازىرلاپ بەردى. 1955- يىلى جۇڭگو شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى. 1978- يىلى جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  مەركەز ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خەلقنى يەنىمۇ بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى. بولۇپمۇ ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رىشتە باغلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى ۋە يۈكسەلدۈردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر