خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ يېڭى يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش ئەشيا ئوبورۇت باغچىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يەردە ھەر كۈنى 600 مىڭ كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقى تەييارلىنىدۇ.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ يېڭى يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش ئەشيا ئوبورۇت باغچىسىنى شىنجاڭ «بەيچېڭ» ئوقەتچىلىك گۇرۇھى قۇرغان بولۇپ، جەمئىي 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي پىلاندىكى كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر.
بۇ ئەشيا ئوبۇرۇت باغچىسى يېمەك-ئىچمەك خام ئەشياسىنى بىر بېكەت شەكلىدە يىغىش، شەھەر مەركىزى ئاشخانىسى، شەھەر ئىچىدە تېز يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدىكەن، B2B 020 ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈپ، توردا زاكاس قىلىش، زاكاسنى يەتكۈزۈش، «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە» بىر بېكەت شەكلىدە تەمىنلەشتىن ئىبارەت تەمىنلەج-ئېھتىياج زەنجىرى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.
شىنجاڭ «بەيچېڭ» ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ چېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبۇرۇت باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، ھەر كۈنى 600 مىڭ كىشىنى بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بىر كۈندە 500 توننا تاماق خام ئەشياسى توشۇپ يەتكۈزۈلىدۇ، يىللىق سېتىش سوممىسى 600 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى