- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 29- نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2017.07.04 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇل تېلېگرامما يوللاپ، ئېفىئوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 29-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئىچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بايرىقى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ-چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنى يېتەكلەپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر