- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قاتارنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 13 تۈرلۈك تەلىپىنى رەت قىلدى
2017.07.03 14:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
قاتار ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە: 1-ئىيۇل ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا زىيارەتتە بولغان قاتارنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەت، قاتارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇھەممەت 1-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بولماستىن، بەلكى قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش، قاتار بۇ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. بىراق، قاتار مۇۋاپىق پىرىنسىپلار ۋە شەرتلەر ئاساسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆزلىشىشنى خالايدۇ.
مۇھەممەت سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىماقچى دېگەن سۆزلەرگە قارتا مۇنداق دېدى: بۇ ھەرىكەتنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، بىراق قاتارمۇ بۇنىڭدىن قورقمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر