باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇغراپىيەلىك بەلگە يىغىنى تۈنۈگۈن ياڭجۇدا ئېچىلدى

2017.06.30 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇغراپىيەلىك بەلگە يىغىنى تۈنۈگۈن ياڭجۇدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئالايتەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇغراپىيەلىك بەلگىلەر مۇھىم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئۇنى ئوبدان قوغداش، ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىش- ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇغراپىيەلىك بەلگىلەرنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك بەلگىلەر سودا ماركىسى، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى جۇغراپىيەلىك بەلگە ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ھالقىپ ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇندىن كېيىن جۇغراپىيەلىك بەلگىلەرنى تەشۋىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئورتاق تىزگىنلەيدىغان قېلىپ بەرپا قىلىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگىلەرنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر