باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى قەسەمياد يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.30 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: 27-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە، شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ۋەكىلى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچى ۋەكىللەر زەھەر چەكلەش كۆرگەزمە تاختىسىغا «ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇش» توغرىسىدىكى قەسىمى ۋە ئىمزاسىنى يازماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇن سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى زالىدا «يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى قەسەمياد يىغىنى» ئاچتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ چاڭجيې مۇنداق بىلدۈردى: «يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشى قەسەمياد يىغىنى»نى ئېچىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەرنى قەتئىي چەكلەش، تازىلاش ۋە سۈپۈرۈپ يوقىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ ھەر مىللەت خەلقنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش؛ ساغلام تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەشتىكى ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ھەر قايسى جايلار، تارماقلار ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا پائال تايىنىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرغان كۈرەش ئىرادىسى ۋە تېخىمۇ جاسارەتكە تولغان روھىي ھالەت بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، تولۇق غەلىبە قازانمىغۇچە كۈرەشنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر