باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يەكەن لوڭقىسى»نى تالىشىش ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.07.03 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئومۇمىي خەلق چېنىقىش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەنتەربىيەنىڭ بەش چوڭ ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتلىك، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، يەكەن ناھىيەلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە يەكەن ناھىيەسىدە «يەكەن لوڭقىسى»نى تالىشىش ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، يەكەن ناھىيەلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ «يىپەك يولى يۇلتۇزى» تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار تەشكىللىگەن پۇتبول كوماندىلىرى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تىزىملىتىش ئاخىرلىشىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار 17 ياشتىن يۇقىرى ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى بولۇشى، ھەر بىر كوماندىدا بىر نەپەر يېتەكچى، بىر نەپەر تېرىنىر بولۇشى، تەنھەرىكەتچى سانى 20دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  تىزىملىتىش ئورنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ «يىپەك يولى يۇلتۇزى» تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، يەكەندىكى تىزىملىتىش ئورنى يەكەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتى: 18699122211 ، 2865211-0991 نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ كامىلجان بىلەن ئالاقىلاشسا، ماتېرىياللىرىنى@qq.com 349945701 ئىلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر