باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2017- يىللىق جۇڭگو ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى، گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.07.03 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن ئامستېردام ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، غەربى جەنۇبى قانۇنچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنى بىلەن گوللاندىيە مەدەنىيەتتىن ھالقىغان كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان 2017- يىللىق جۇڭگو ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى 2-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىن كەلگەن 50 دىن كۆپرەك مۇتەخەسسىس ئالىم مېيىپلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ۋە ئالماشتۇرۇش ئىلىپ باردى.

  ياۋروپانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملىرى يىغىندا، گەرچە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ ئىزچىل تۈردە بارلىق پۇقرالارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش يولدا تىرىشىپ كەلدى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشكارا مۇھاكىمە ۋە سەمىمىي ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بېرىپ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر