باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۆكتوقاي مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەرگە بىر تۈرلۈك پاراۋانلىق ئويۇنى تەسىس قىلدى

200 تال خەت يېزىش ئارقىلىق 2000 يۈەنگە ئېرىشىسىز

2017.06.30 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەن مۇكاپاتنى تەييارلاپ قويدۇم، سىزنىڭ ھېكايىڭىز تەييار بولدىمۇ؟ يېقىندا، كۆكتوقاي مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆكتوقايغا ئوينىغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر ناۋادا ئۆزى كۆرگەن مەنزىرىلەرنى ياكى ئويلىغانلىرىنى 200 خەت ئىچىدە يازمىچە نادىر ئىپادىلەپ چىقالىسا، يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىكەن.

  كۆكتوقاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشى بويىچە، ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، كۆكتوقايغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر «كۆكتوقاي، ئارزۇ باشلانغان جاي» تېمىسىدا ئۆزىنىڭ ساياھەت پىلانى، ساياھەت سەرگۈزەشتىسىنى گۈزەل سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ چىقالىسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولىدىكەن، ئەسەر شەكلى چەكلەنمەيدىكەن، خەت سانى 200 خەت ئىچىدە بولۇشى، ئالاقىدار سۈرەت قوشۇلغان بولۇشى لازىم ئىكەن. كۆكتوقاي ساياھىتىدە يولۇقتۇرغان قىزىقارلىق ئىشلار، كۆڭۈللۈك ئىشلار، ساياھەت جەريانىدا ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىشلار، كۆكتوقاينىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئىشلارغا ئائىت بولسا بولىدىكەن.

  پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولغانلار ئەسىرى ۋە ئىسىم-فامىلىسىنى قوشۇپ word شەكلى ياكى txt شەكلىدە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ئادىرېسى: kkthyxb@qq.com غا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدىكەن. تەپسىلاتىنى 8728810-0906 غا تېلېفون ئۇرۇپ سورىسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر