باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشمە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 12-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا

2017.06.30 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە، رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم گېرمانىيە ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى پىلانلاپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۇنيا تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان دۇنياغا تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئاكتىپ كۈچى قوشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى موسكۋا سەپىرىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشى، 2016-يىلى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئېلىمىزدىكى زىيارىتىگە جاۋابەن قىلغان زىيارىتى. بۇ، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ 21-قېتىم ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا بىر يىلدىكى 3-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  2014-يىلى 3-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە، پۇل مۇئامىلە سۆھبىتى، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئادىمىيەت ئالاقىسى سۆھبىتى مېخانىزمى كەينى-كەينىدىن بەرپا قىلىندى، ھازىر ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭىشى قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق ئىككى تەرەپ كېڭىشى ۋە ھەمكارلىك مېخانىزىمى بەرپا قىلدى. گېرمانىيەنىڭ 1-چوڭ پورتى ھامبۇرگنىڭ «گېرمانىيەنى دۇنياغا تۇتاشتۇرىدىغان ئېغىز» دېگەن نامى بار. 7-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم 20 ئىقتىسادىي گەۋدە رەھبىرى بۇ جايدا جەم بولۇپ، «ھەمتۈرتكە دۇنيا يارىتىش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، دۇنيا ئىقتىسادى، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە، كىلىمات ئۆزگۈرىشى، تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىمقى ھامبۇرگدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋەزىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر