خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ ئۆسمۈرلەر تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇنىۋېرسال مەشىق لاگېرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەشىق قىلىۋاتقان شياڭگاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلىرىنى يوقلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن ۋە ئەھمىيەت بېرىمەن، چۈنكى سىلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمىسە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۇلۇغۋار تەرەققىياتى بولمايدۇ. ھەر بىر دەۋردىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك تارىخىي بۇرچى ۋە پۇرسىتى بولىدۇ، ھازىرقى شياڭگاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلىرى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا يولنى تاللاپ، شياڭگاڭغا، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شياڭگاڭ ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە مەركىزى ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئۇنىۋېرسال مەشىق لاگېرىغا باردى. ساقچىلاردىن تەركىب تاپقان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى داقا-دۇمباق چېلىپ، سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى.
سىرتتىكى مەشىق مەيدانىدا شى جىنپىڭ بۇ مەركەزدىكى ئەزالارنىڭ ئارغامچا تورى سەپ مەشىقىنى كۆردى. ئارقىدىن پائالىيەت ئۆيىگە بېرىپ، ئۆسمۈرلەر تەلىم-تەربىيە پىلانى ۋە مەشىق لاگېرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۆسمۈرلەرگە تەلىم-تەربىيە بېرىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆسمۈرلەر تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكىلەرنى دۆلەتنى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان يېڭى بىر ئەۋلادلارنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى