باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى

2017.07.03 10:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇلارغا پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

  96 ياشلىق دۇەن بېيخەي پارتىيەگە كىرگىنىگە 80 يىل بولغان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ، ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. 2015 – يىلى ‹‹ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە مېدالى››غا، 2016 – يىلى ‹‹ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە مېدالى››غا ئېرىشكەن. چېن چۈەنگو ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆيۈنگەن ھالدا ئۇنىڭدىن تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار – يوقلۇقىنى سورىدى. دۇەن بېيخەينىڭ زېھنىنىڭ ئوچۇق، تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، چېن چۈەنگو ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەگە كىرگىنىڭىزگە 80 يىل بوپتۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتىڭىز، سىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۆھپىكارى، بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز، پارتىيە ۋە خەلق سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، سىزنىڭ جورىڭىز بىلەن بىللە سالامەت بولۇشىڭىزنى، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزاق بولۇشىنى، 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  چېن چۈەنگو پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى نۇر ئەخمەتنىڭ ئۆيىدە نۇر ئەخمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە بايراملىق تىلىكىنى چوقۇم سىلەرگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. چېن چۈەنگو شۇ يەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا نۇر ئەخمەت بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى قاراشنى، بوۋاينىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى، بوۋاينىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يوقلاش، ھال سوراش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىسمىغا پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى مۇجەسسەملەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆگىنىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېننى قان تومۇرلىرىدا سىڭدۈرۈپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى، غايە – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يوقلاش، ھال سوراشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر