باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش تىل يەسلىسى قۇرۇشنى قوللىدى

2017.06.23 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ئاجراتقان يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى مەخسۇس خامچوت تۈرى ئىچىدىكى 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغكە ئېرىشكەن، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى شەھەر بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش تىل يەسلىسىدىن 15نى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە 15 قوش تىل يەسلى تۈرى ئىچىدە، تەڭرىتاغ رايونىدا تۆتى، سايباغ رايونىدا تۆتى، بۇلاقتاغ رايونىدا تۆتى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا بەشى بار ئىكەن. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتسە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل يەسلىسىنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى 344 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا قوش تىل يەسلىسىدىن 42نى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يېڭىدىن يەسلى سىنىپىدىن 270نى كۆپەيتىپ، 8040 ئۆسمۈرنىڭ يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر