باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كەسپىي قانۇنىي سالاھىيەت ئىلتىماسى قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.06.20 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 19- كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ كەسپىي قانۇن سالاھىيىتى ۋە قانۇن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 2016-يىلى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان،2017-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 9دىن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 24كىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى (http://www.moj.gov.cn/)گە چىقىپ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى خىزمەت ئورنىدا قانۇن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىسا بولىدۇ.

  نوپۇسى ئوقۇش تارىخى شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان رايوندىكىلەر، ئىمتىھان نەتىجىسى شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان لاياقەتلىك نومۇر سىزىقىغا يەتكەنلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لاردىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىغا بېرىپ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن نوپۇسى ئاللىقاچان يۇرتىغا ماڭدۇرۇۋېتىلگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن نوپۇسى ئۆز جايىغا كۆچۈرۈپ كېتىلگەن ھەمدە ئەسلىي نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندا ئوقۇش تارىخى شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان بولسا، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ۋاقتىدا تورغا چىقىپ ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشى كېرەك، مۆھلەت ئۆتكەندە ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى قوبۇل قىلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر