باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەرنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى بېكىتىلدى

6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدۇ

2017.06.20 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەرنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 20:00گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) دەپ بېكىتىلگەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەرنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى»غا كىرىپ، ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدىكەن.

  تولۇق كۇرس ئالدىن تاللىنىدىغان تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 20:00دە (بېيجىڭ ۋاقتى)؛ قالغان تۈركۈملەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئاخىرلىشىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 20:00دە (بېيجىڭ ۋاقتى).

  6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى» شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn/) ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەرنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ ۋاقىتتا چىقىپ كۆرسە بولىدۇ. «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى» قەغەزچە نۇسخىسىمۇ («شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ئېلىش» 3-تومىدىن كۆرۈڭ) تېزلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر