باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى

2017.06.29 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئاساسىي مائارىپىنىڭ «سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» ئۈچۈن، ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭدا ھەر خىل ۋە «ئادەتتىن تاشقىرى» تەدبىر ئارقىلىق، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا يەسلىسى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 60 مىڭدىن ئارتۇق قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنغان.

  27- ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر تۇتاش تەكلىپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئىشتاتنىڭ چەكلەش تۈزۈمىدىن ھالقىغان ئاساستا دۆلەت ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ %5 ئىختىساسلىقلارنى زاپاس ئىشتاتقا قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپلەپ قوبۇل قىلىنغان؛ دۆلىتىمىزنىڭ ھەقسىز ئوقۇغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھەقسىز پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نىشانلىق تۈردە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتۈش قاتارلىق «ئادەتتىن تاشقىرى» تەدبىرلەر ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇقتىلىق يۈزلىنىپ، 61 مىڭ 400 يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىى قوبۇل قىلىنغان.

  كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا يەنە كۆپ خىل تـەدبـىر چىقىرىلىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇقىملاشتۇرۇلغان. 2010- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۈچ قېتىم ئۈنۈم مائاشى ۋە تۆت قېتىم جاپالىق چەت-ياقا رايونلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلى ھەم تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 160 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە ئېيىغا 200 يۈەندىن ياردەم پۇل بېرىلگەن بولۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شارائىتى بىر قەدەر جاپالىق بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 100 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا يەنە 200 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى قوشۇلغان ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەتچىلەرگە يىللىق ئوتتۇرىچە 8400 يۈەن خىزمەت ياردەم پۇلى تارقىتىلغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى «قوبۇل قىلىش تەس بولۇش، تۇتۇپ قىلىش تەس بولۇش» مەسىلىسى زور دەرىجىدە ھەل قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر