باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ

2017.06.23 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 2914 ئالىي مەكتەپ بار بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يالغان ئۇنىۋېرسىتېت مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئاشكارىلانغان 400دىن ئارتۇق ساختا ئۇنىۋېرسىتېت ئاساسەن يوقىتىلغان، لېكىن خەلق ئاپپاراتى «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تورى»دىكى تورداشلارنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن بېيجىڭ، ئەنخۇي، شەندوڭ، گەنسۇ، خېنەن، خېيلوڭجياڭ، خۇبېي، جىلىن، شەنشى، جياڭسۇ، لياۋنىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق 12 ئۆلكە، شەھەرگە چېتىلىدىغان 20 ساختا ئالىي مەكتەپ يەنە بىر قېتىم ئايرىپ چىقىلدى.

  «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تورى»نىڭ قۇرغۇچىسى شيا شۆنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدى-كەينىدە، «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تورى» تور ئەھلى نۇرغۇن گۇمانىي ساختا ئۇنىۋېرسىتېت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى پاش قىلغان بولۇپ، يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانماقتا ئىكەن.

  شيا شۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلار ئەمەلىيەتتە مەۋجۇد بولمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى كۆرسىتىدۇ، «ئەمەلىي گەۋدىسى يوق، قەتئىي تاپقىلى بولمايدۇ، تېلېفون نومۇرى يالغان، مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى تور بېكەت بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ دائىرە نامى چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان».

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بۇ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ساختا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ پايدا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار نورمال يول ئارقىلىق ئارزۇ تولدۇرغاچقا، ساختا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدىكەن. يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ساختا دىپلوم سېتىپ پايدا ئېلىش بولۇپ، «پۇل خەجلەپ دىپلوم سېتىۋالغىلى بولىدۇ» دەپ ئىشىنىدىغانلار ۋە ساختىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىغانلار يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلار نىشانلىغان خېرىدارلار ئىكەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلەر يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يوشۇرۇن نىشانلىرى ئىكەن، شۇنداقلا يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئالدايدىغان ئوبيېكتلار ئىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر