باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ

نومۇرغا باشقىچە پىكىر بولغانلارغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن

2017.06.22 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا باشلامچىلىق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ ھەم شۇنداقلا ھەرقايسى جايلارنىڭ 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش مۇقەددىمىسىنى باشلىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يەنى، بۈگۈندىن ئېتىبارەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرى زىچ تۈردە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل نۇرغۇن جايلاردىكى يېڭى تاراتقۇلار نومۇر تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئېچىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە ئىكەن. ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇرغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆز ۋاقتىدا نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئارزۇ تولدۇرىۋاتقان ئاشۇ مەزگىللەردە، نۇرغۇن ئالدامچى تور بېكەتلىرى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش پۇنكىتى» دېگەندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان ئالدامچىلىق APPلىرىنى (يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى) ئاممىۋىي ئالاقە تورىغا يوشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن، بولۇپمۇ ئۇ خىل APPلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تور مۇنبىرىگە بىۋاسىتە چاپلىۋالغان ناچار ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋاللاردىن تېخىمۇ ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان APPلەر تور دۇكىنىدىن بۇ خىل APP (يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى)نى چۈشۈرگەندە، ئەگەر ئېلان قىستۇرما دېتال كۆرۈنسە، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداقلارنى چۈشۈرمەسلىك كېرەك؛ ناتونۇش نومۇرلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى، يەنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار، دەپ كەلگەن تور ئادرېسىنى ھەرگىز چەكمەڭ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگەندە، ھۆكۈمەت تەرەپ كۆرسەتكەن توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق تەكشۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر