باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لياڭ جېنيىڭ ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017.06.30 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇن چۈشتە شياڭگاڭدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى، چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ لياڭ جېنيىڭنىڭ باش مەمۇرلۇقنى ئۈستىگە ئالغان بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن سىز ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، شياڭگاڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئېچىش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشتىڭىز. سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتۇڭلار. مەركەز سىزگە تولۇق ئىشىنىدۇ، خىزمەتلىرىڭىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ لياڭ جېنيىڭنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنىدا شياڭگاڭ ۋە دۆلەت ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن لياڭ جېنيىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئۇلۇغ تەپەككۇرىغا ئاساسەن، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا تىنچ قايتۇرۇپ كېلىنىپ، تارىختا قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىشتا قورال-ياراغلارنى ئىشقا سېلىشتەك ئاتالمىش ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلدى، بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمى شياڭگاڭدا ئەمەلىيلەشتى، شياڭگاڭ گەرچە ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، سارس يۇقۇمى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، گۈللەنگەن، مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تامامەن توغرا بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر