باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «شياڭگاڭ گۇگوڭ سارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى»گە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2017.06.30 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭ جيۇشى مەدەنىيەت رايونىدا «شياڭگاڭ گۇگوڭ سارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ، ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئېنىڭ ھەمراھلىقىدا، شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى مەمۇرىيەت مەھكىمىسى باشلىقى، قوشۇمچە جيۇشى مەدەنىيەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى جاڭ جيەنزۇڭ ۋە گۇگوڭ مۇزېيىنىڭ باشلىقى شەن جىشياڭنىڭ «شياڭگاڭ گۇگوڭ سارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى» گە ئىمزا قويغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

  جيۇشى مەدەنىيەت رايونى شياڭگاڭنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، شياڭگاڭ گۇگوڭ سارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى، ئەلنەغمە مەركىزى قاتارلىق 17 مەدەنىيەت-سەنئەت بىناكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شياڭگاڭ گۇگوڭ سارىيى مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇزېي ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە شياڭگاڭنىڭ مول مەدەنىي تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدۇ. شىجيۇ مەدەنىيەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى گۇگوڭ سارىيى مۇزېيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، خادىملارنى تەربىيەلەش، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ شياڭگاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئۇ شىجيۇ مەدەنىيەت رايونى پىلانى ۋە شياڭگاڭ گۇگوڭ سارىيى مۇزېيىنىڭ ئورۇن تاللاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىجيۇ مەدەنىيەت رايونى تۈرى 9-نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن ىبر تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى بارلىق شياڭگاڭ ئاھالىسىغا قولاي، ئازادە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ھازىرلاش بىلەن بىللە، يەنە شياڭگاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا مەركىزىي شەھەر مەدەنىيىتى مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن غەرب بىرلەشكەن شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شياڭگاڭنىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى سۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر