باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى «ئىتتىپاقداش ئارمىيە»سىگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بەردى

2017.06.30 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 28-چېسلا دېيىشىچە: سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى «خەلقنى قوغداش قىسمى» ناملىق كۇرد قوراللىقلىرى سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تۈركىيە قوللايدىغان دوست ئارمىيەلەرگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيە قىسىمى 27-ئىيۇن كېچىدىن 28-ئىيۇن سەھەرگىچە «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نىڭ سۇرىيەدىكى تايانچ نۇقتىلىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بەرگەن.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئامېرىكىنى سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىغا زەربە بېرىشتە «خەلقنى قوغداش قىسمى»نى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئامېرىكا سۇرىيەدە «سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسى» ناملىق ئۆكتىچى قوراللىقلارنى يۆلەپ چىقارغان، بۇ قوراللىقلار بىر «ئارىلاش قوشۇن» بولۇپ، سۇرىيەدىكى ئەرەبلەر بىلەن كۇردلاردىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە «خەلقنى قوغداش قىسمى» ئاساسىي كۈچ بولۇپ، ئامېرىكا ئىزچىل «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى قورال-جابدۇق ۋە ھەربىي مەشىق بىلەن تەمىنلىمەكتە.

  لېكىن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيە «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تارمىقى، شۇنداقلا «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ بېكىتكەن.

  كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان، قورال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە، ئىراق، ئىران، سۇرىيە چېگرالىنىدىغان كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات، دەپ قارىلىدۇ.

  ئەڭ يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە تۈركىيە ھەربىي تەرەپ: «خەلقنى قوغداش قىسىمى» 27-ئىيۇن كېچىدە، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەزازدا تۈركىيە قوللىغان «ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى»گە ھۇجۇم قىلدى. تۈركىيە تەرەپ ئارقىدىنلا زەمبىرەك بىلەن «خەلقنى قوغداش قىسىمى» نىشانلىرىغا زەربە بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تازىلىدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر