- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ چاپچال ناھىيەسىدىن دوۋلاتا چېگرا ئېغىزىغا بارىدىغان تاشيول ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ
2017.06.29 16:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
9-ئىيۇن، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئۆلكە يولى S313-لىنىيەسىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىن دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزى بولغان دوۋلاتا چېگرا ئېغىزىغا بارىدىغان 2-بۆلىكىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا باردى، قۇرۇلۇش مۆلچەرلىنىشىچە ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتۈپ، قاتناش باشلىنىدىكەن.
بۇ قۇرۇلۇش 2015 - يىلى مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 890 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. قۇرۇلۇش لىنىيەسىگە نۇرغۇن چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كۆۋرۈكلەر، سۈڭگۈچ ۋە تونېللار ياسالغان بولۇپ، يەنە گۈزەل مەنزىرە بەرپا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر