باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن كىم جوڭئۇننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدە بولغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.06.29 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدە بولغان دۆلەت تېررورچى ئۇنسۇرلىرىنى قاتتىق جازالايدۇ.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنىتلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان چاۋشيەن دۆلەت قوغداش ۋازارىتى، خەلق بىخەتەرلىك قوغداش ۋازارىتى ۋە مەركىزىي تەپتىش مەھكىسمىنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا قارىغاندا، بۇ يىل چاۋشيەن بىر مەخپىي تېررورلۇق شايكىسىنى پاش قىلغان، بۇ تېررورلۇق شايكىسى ئامېرىكا ۋە كورىيە ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن خىمىيەلىك ماددىلار ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرىنى قەستلىمەكچى بولغان. چاۋشيەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق كورىيەنىڭ سابىق رەھبىرى پاك گۈنھېنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە كورىيە دۆلەت ئەھۋالى مەھكىمىسىنىڭ كىم جوڭئۇننى مەخپىي قەستلەش پىلانىنى ماقۇللىغانلىقى ھەمدە ماشىنا ياكى پويىز ۋەقەسىنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەن ھوشيار بولغانلىقى ھەمدە پاك گۈنھې ئەيىبلەنگەنلىكتىن بۇ قەستلەش پىلانى ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بايقىغان.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن پاك گۈنھې ۋە كورىيە دۆلەت ئەھۋالى مەھكىسىنىڭ سابىق باشلىقى قاتارلىق كىم جوڭئۇننى قەستلىمەكچى بولغانلارنى قاتتىق جازالاشنى جاكارلىدى ھەمدە كورىيەدىن ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامە بويىچە چاۋشيەنگە پاك گۈنھې قاتارلىق كىشىلەرنى دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە كورىيە ھۆكۈمىتىدىن چاۋشيەننىڭ بۇ تەلىپىگە سەل قارىسا، جەنۇب-شىمال مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر