باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2017.06.28 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنى 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق «دۆلەت ئاخبارات قانۇنى»، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، ھەق تەلەپ قانۇنى ۋە مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ چېن جيېنىڭنى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، لى گەنجيېنى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش، چېن جېڭگاۋنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋاڭ مېڭخۇينى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 69-،70-،71-،72-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىنى ئېلان قىلشقا ئايرىم-ئايرىم ئىمزا قويدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن 149 كىشى يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتۇتى قۇرۇش كېلىشىمى» نى تەستىلاش توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى» نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېفىئوپىيە فېدىراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى» نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2016-يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ، 2016-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر