- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باشار ئەسەد رۇسىيەنىڭ سۇرىيىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلدى
2017.06.29 16:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە زوڭتوڭى باشار ئەسەد 27-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ سۇرىيىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە سۇرىيە خەلقى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىۋاتقان رۇسىيەلىك قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ دەپ بېغىشلىما يازدى.
بۇ باشار ئەسەدنىڭ تۇنجى قېتىم خېمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلىشى. 25-ئىيۇن باشار يەنە سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر خاماغا بېرىپ، روزا ھېيىت نامىزىغا قاتناشتى ھەمدە يارىلانغان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ سۇرىيەدە كىرىزىس پارتلىغاندىن بۇيان باشارنىڭ دەمەشىقتىن باشقا رايونلاردىكى ئاز كۆرۈلگەن ئۇدا زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر