باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 2017-يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرىگە قاتناشقان خەلقئارا سودا-سانائەت كارخانا ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2017.06.29 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن داليەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 2017-يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرىگە قاتناشقان خەلقئارا سودا-سانائەت كارخانا ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شۋاب ۋە گوللاندىيە خان جەمەتىدىن كەلگەن رويال DSM، ئامېرىكا جونسون ئاپتوماتىك تىزگىنلەش، ئامېرىكا CRM، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقا ھەسەن-ھۈسەن كانچىلىقى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ھالقىغان كارخانىنىڭ مەسئۇلى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، «ئالاقە تورى+» قاتارلىقلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى. لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىغا قانداق قاتنىشىش مەسىلىگە جاۋاب بەرگەندە، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىجازىتى ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، زور مىقتاردىكى يېڭى بازار سۇبيېكتى، يېڭى كەسىپلەر ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئەركىن سودا-ئىقتىسادنىڭ جانلىشىدىكى تۈرتكە، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تاشقى مەبلەغ ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىغا بىردەك مۇئامىلىدە بولىمىز. تاشقى مەبلەغ، چەت ئەل سودىگەرلىرى ۋە چەت ئەل ئاقىللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر